ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى، چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار جۇڭگو خەلقىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:33

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى، چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار جۇڭگو خەلقىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ، توشقان يىلىدىكى چاغاننى تەبرىكلىدى.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس توشقان يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ سەمىمىي سالام يوللىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گۇتېررېس مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىز قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقالايمىز. ئۈمىد ۋە يېڭى باشلىنىش بىلەن سىلەر ۋە ئائىلەڭلاردىكىلەرنىڭ يېڭى يىلدا تېنىڭلارنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمەن.

77-نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوروسى سابا بارلىق جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن، توشقان يىلىنىڭ سىلەرگە بەخت، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمەن، دېدى.

پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارىف ئالۋى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، توشقان يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. مەن پاكىستان-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىشىنى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ يىلدىن-يىلغا مۇستەھكەملىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماركوس چاغىنىڭلار قۇتلۇق بولسۇن. جۇڭگونىڭ چاغىنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، كۆپچىلىككە ئەڭ سەمىمىي تىلىكىمنى بىلدۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر، توشقان يىلىنى تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى سەھىپىنى بىرلىكتە پۈتەيلى، دېدى.

تايلاند زۇڭلىسى پرايۇت تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو رەھبەرلىرى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. پرايۇت مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ بەختلىك، خۇشال-خورام ئۆتۈشىڭلارنى، ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمەن. بۇ بارلىق تايلاند خەلقى چىن قەلبىدىن تىلىگەن ئەڭ سەمىمىي تىلەك، تايلاند-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى داۋاملىشىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى، چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار جۇڭگو خەلقىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى، چەتئەللىك سىياسىي ئەربابلار جۇڭگو خەلقىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ، توشقان يىلىدىكى چاغاننى تەبرىكلىدى.