ئېلىمىز 1 مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى
يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2022-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى تەڭ ئۆستى. پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن 105 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، بىر مىليارد مو باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش نىشانى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. بۇ يىل ئېلىمىز يېڭىدىن 45 مىليون مو ئېتىز بەرپا قىلىپ، 35 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت