مەملىكەت بويىچە چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 560 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا 4 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى، 7226 يولۇچىلار پويىزى قاتنىدى. گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يولى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى توشۇغان يولۇچى 568 مىليون 346 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.9 ئاشقان.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت