ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:50

كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى جۇڭگو خەلقى، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ، توشقان يىلىدىكى چاغاننى تەبرىكلىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا توشقان يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيانىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو خەلقى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكى جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەيمەن، سىلەرنىڭ توشقان يىلىڭلارنىڭ قۇتلۇق، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىۋېرا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو ۋە بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ توشقان يىلىنى تەبرىكلەيمەن، كۆپچىلىككە ئامەت تىلەيمەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانلار تۇرالغۇسى پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەيمۇنە مۇخدى شېرىف مۇنداق دېدى: چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، توشقان يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن. ئۆتكەن بىر يىلدا مەھكىمىمىز بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شاڭخەي 2022-يىللىق دۇنيا شەھەر كۈنى يەرشارى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بۇ پائالىيەتكە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. توشقان يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەن مەھكىمىمىزگە ۋاكالىتەن جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ توشقان يىلىنىڭ قۇتلۇق، تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرنەندىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشۇڭلارنى، گۈللەپ ياشنىشىڭلارنى، ئائىلەڭلارنىڭ شادلىققا تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن، سىلەرنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، گۈللىنىش يولىدا مېڭىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، گەرچە ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، لېكىن مەن سىلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.

كانادا زۇڭلىسى تىرودو خەنزۇچە: يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! سىلەرگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك تىلەيمەن، دېدى.

كوستارىكا زۇڭتۇڭى رودرىگو چاۋىس مۇنداق دېدى: مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بارلىق كىشىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ توشقان يىلىدا ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مولدوۋا زۇڭلىسى ناتالىيە گافرىتسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ توشقان يىلىدا ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى، چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيمەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى جۇڭگو خەلقى، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ، توشقان يىلىدىكى چاغاننى تەبرىكلىدى.