ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى دۈەنسۈن كەنتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:50

باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال-ئەھۋالىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋالى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئىگىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېزىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى.

چاغان يېتىپ كەلدى، يەرلىكتىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قانداقراق؟ قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بار؟

2022-يىلى 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېغىۋاتقان قارغا قارىماي سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنفېن شەھىرىگە باردى، فېنشى ناھىيەسىنىڭ دۇەنسۈن كەنتىدە، باش شۇجى يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا بارغانسېرى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى بۇ كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ ھەممە يېرى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

چاغاندىن بۇرۇن ياغقان قېلىن قار سەنشىنىڭ سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدىكى دۇەنسۈن كەنتىنى چاغان كەيپىياتىغا چۆمدۈردى. ئەتىگەندىلا كەنت ئاھالىسى سەي ۋېنمىڭ بىلەن ئايالنى باھاردەك ئىللىق ئۆيدە چاغانلىق موما پىشۇردى. شۇ جايدىكىلەرگە نىسبەتەن چاغانلىق موما يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستەك.

سەي ۋېنمىڭ ئائىلىسى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن دۇەنسۈن كەنتى لۈلياڭ تاغلىق رايونىدىكى مەركەزلىك تۇتازشما ئالاھىدە نامرات رايون، 2014-يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى ئارقىلىق 20 نەچچە تۇياق قوي سېتىۋالدى، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قوي بېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

بۇلتۇر چاغاندىن بۇرۇن، سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ يېغىۋاتقان قارغا قارىماي دۇەنسۈن كەنتىنى كۆزدىن كەچۈردى، باش شۇجى سەي ۋېنمىڭنىڭ ھويلىسى ئالدىدىكى قوي قوتىنى ئالدىدا، سەي ۋېنمىڭ ئائىلىسىنىڭ قوي بېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. سەي ۋېنمىڭ: بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئائىلىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، دېدى.

سەي ۋېنمىڭنىڭ ئۆيى ئىللىق ، چاغاندىن بۇرۇن دۈەنسۈن كەنتىدىكى پارنىكلارمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى. بىر نەچچە ئاي جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، پارنىكقا ئاخىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى مايسىلار كۆچۈرۈلدى، بۇ كېلەر يىللىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى.

ھازىر دۇەنسۈن كەنتىدە ماڭغاندا، ھەممە يەردە مەنزىرە، ھەممە يەردە كەسىپ بار. 2022-يىلى دۈەنسۈن كەنتى ئەسلىدىكى سەككىز كورپۇس كونا موگۇ پارنىكىنى زامانىۋى تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ئۆزگەرتىپ، گۆش كالىسى باقمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزىل تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، قىزىل ساياھەت، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى.

چاغان يېتىپ كەلدى، دۈەنسۈن كەنتى ساياھەتچىلەرنى كەنتكە كېلىپ چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە بىر نەچچە مەيدان ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى قويماقچى بولدى. بۇ يىل ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان دېھقان مېڭ جىچاڭ يۇرتداشلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىنى كۆرۈپ يېڭى پىلان تۈزدى. مېڭ جىچاڭ مۇنداق دېدى: بىز بىر قانچە ياش بىرلىشىپ كېلەر يىلى كەنتكە قايتىپ سەھرا ئارامگاھى ئېچىشنى مەسلىھەتلەشتۇق، يېڭى بىر يىلدا يۇرتىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دۈەنسۈن كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن باشقا، بۇلتۇر يەنە ئاممىۋى مۇنچا، ئاممىۋى ساتىراشخانا، كىرخانا ئۆيى سالدى، كەنتتىكى 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرۇپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھەر تەرەپلىمە قولايلىق مۇلازىمەت قىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى دۈەنسۈن كەنتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال-ئەھۋالىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋالى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئىگىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېزىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى.