ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار يۇقۇم مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:58

چاغان مەزگىلىدە، جايلاردىكى تېببىي خادىملار بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزىلاردا يۇقۇم «مۇداپىئە تورى»نى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام، ساغلام ئۆتكۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىغا ئەگىشىپ، چۇڭچىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى شىنچياۋ دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى تۇنجى «توشقان يىلىدىكى بوۋاق»نى كۈتۈۋالدى، ئاپىسى خۇاڭ خانىم ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى ھەمدە ساغلام يەڭگىدى.

خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى خېڭنەن ناھىيەسىدە، ناھىيەلىك دوختۇرخانا جاۋ خانىمنىڭ تۇغۇتى قىيىن بولغانلىقتىن «يېشىل يول» ئارقىلىق نەنخۇا داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا يۆتكىدى.

بېيجىڭ داشۆسى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە چاغان مەزگىلىدە تېببىي خادىملار دىجورنىلىق قىلدى. 10 نەچچە كۈن داۋالىنىش ئارقىلىق 67 ياشلىق سۈن چۈەنشى بوۋاينىڭ كېسىلى تەدرىجىي ياخشىلاندى.

جياڭشىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا-بازار شىپاخانىلىرى خادىملارنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى. نەنچاڭ ناھىيەسىنىڭ تاڭنەن بازىرىدا يەرلىك ھۆكۈمەت پىدائىيلارنى بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا جۇۋاۋا ئېتىپ بېرىشكە تەشكىللىدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有