ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

C919 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئۇچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 09:40

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 تىپلىق تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى شاڭخەينىڭ خۇڭچياۋدىن نەنچاڭ چاڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچۇپ، توشقان يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملىدى. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ يىل 3-ئايدا بۇ ئايروپىلاندا يولۇچى توشۇشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C919 تىپلىق ئايروپىلانى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى خۇڭچياۋدىن نەنچاڭغا بېرىپ كېلىپ قاتنىدى. ئۇچۇشنى دەلىللەشتە ئاساسلىقى بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان تەقلىد قىلىنىدۇ، بۇ ئۇچۇشىغا ئىمزا قويۇش، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى، ئۇچقۇچىلارنىڭ مەشغۇلاتى، ئايروپىلان رېمونت قىلىش قاتارلىق پۈتكۈل ئۇچۇش جەريانى، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھەر قايسى كەسپىي سىستېمىلىرىنىڭ C919 تىپلىق ئايروپىلاننى بىخەتەر ئۇچۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرق ئاۋىياتسىيەسى جياڭشى شۆبە شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ جىنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۇچۇشنى دەلىللىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ C919 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا شەرق ئاۋىياتسىيەسىگە مۇناسىپ تىجارەت ئىجازىتى بېرىدۇ.

بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ C919 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ 100 سائەت ئۇچۇشى دەلىللەندى. C919 تىپلىق ئايروپىلان نەنچاڭغا ئۇچۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى، شاڭخەي، بېيجىڭ، چىڭدۇ، شىئەن. خەيكۇ، چىڭداۋ، ۋۇخەن، جىنەن قاتارلىق سەككىز شەھەر توققۇز ئايرودۇرۇمدا مەركەزلىك ئۇچۇش سىنىقى ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇردى، كېيىن پىلانغا ئاساسەن خېفىي، نەنجىڭ، تەييۈەن، شاڭخەي فۇدوڭ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىغا بارىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 100 سائەتلىك دەلىللەپ ئۇچۇش بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا تاماملىنىدىكەن، بۇ يىل 3-ئايدا C919 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يولۇچى توشۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

C919 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئۇچتى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 تىپلىق تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى شاڭخەينىڭ خۇڭچياۋدىن نەنچاڭ چاڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچۇپ، توشقان يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملىدى.