ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شاڭخەي: ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 15:14

باھار كىرىشى بىلەن شاڭخەي «بىرىكمە كۈچ» توپلاپ، بازار ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

چاغان كىرىشى بىلەن، شاڭخەي 2023-يىللىق شەھەر بويىچە سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىغىنى ئېچىپ، چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى ئېلان قىلىنغان «ھەرىكەت لايىھەسى»دە 195 تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شاڭخەي پۇدۇڭ يېتەكچى رايونى، لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونى قاتارلىق جايلار كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ توپلاپ، تېخىمۇ كۆپ دۇنيا دەرىجىلىك كەسىپ بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى، چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلماقتا.

شاڭخەي سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى «بىرىنچى قول شاھمات» نى ياخشى ئويناش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېڭى رىقابەت يولى ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېزلەتتى. كۆلىمى 100 مو كېلىدىغان بۇ ئىلغار ياسىمىچىلىق تەتقىقات تۈر بازىسىدا يېقىندا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان ئىدى، بۇ تۈردە كەلگۈسىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقات تەجرىبە بازىسى ۋە خەلقئارالاشقان سەۋىيەگە ئىگە يېڭى ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، سىناش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شاڭخەي يەنە ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «تەشەببۇسكارلىق جېڭى»نى كۈچەپ ياخشى قىلدى. 2023-يىلى كىرگەندىن بۇيان، شاڭخەي 1-ئايدا نۇقتىلىق كەسىپ تۈرىدىن 160 نەچچىنى ئىمزالىدى، ئومۇمىي مەبلەغ 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يېڭىدىن ئىش باشلانغان نۇقتىلىق كەسىپ تۈرى 60 نەچچىگە يەتتى، ئومۇمىي مەبلەغ 70 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. شاڭخەي سانائەتكە مۇقىم مەبلەغ سېلىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، زور كەسىپ تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شاڭخەي: ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

باھار كىرىشى بىلەن شاڭخەي «بىرىكمە كۈچ» توپلاپ، بازار ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.