ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە: رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كاتېرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، دېدى. ئۇكرائىنا: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردۇق، دېدى.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 15:44

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خېلسون يۆنىلىشىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كاتېرىنى ۋە 10 كىشىلىك قۇرۇقلۇققا چىقىش گۇرۇپپىسىنى تارمار قىلغانلىقى ھەمدە شۇ جايدىكى ئۈچ ئوق-دورا ئامبىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى، سۇمېي ئوبلاستىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۈچۈن زەمبىرەك، ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە داۋاملىق كۇپىيانسك، قىزىل لىمان، دونېتسىك ۋە زاپوروژې قاتارلىق يۆنىلىشتە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرىنى يوقاتتى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي قورال-ياراغلىرىغا زەربە بەردى. دونېتسىىكنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دونېتسىكتىكى مۇھىم قاتناش ئورنى باخمۇت ھازىر رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇھاسىرىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، رۇسىيە بۇ يەرگە بولغان مۇھاسىرىنى كىچىكلىتىۋاتىدۇ.

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئۇرۇش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۆتكەن 24 سائەتتە دونېتىسكتىكى سەككىز ئولتۇراق نۇقتىسى ئەتراپىدا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ ئەسكىرىي كۈچى مەركەزلەشكەن رايونىغا توققۇز قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىغا ئىككى قېتىم زەربە بەردى. ئۇكرائىنانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپچى قىسمى يەنە رۇسىيەنىڭ ئەسكىرىي كۈچى مەركەزلەشكەن 13 رايونى، بىر كونترول قىلىش نۇقتىسى ۋە ئىككى ئوق-دورا ئامبىرىغا زەربە بەردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە: رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كاتېرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، دېدى. ئۇكرائىنا: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردۇق، دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خېلسون يۆنىلىشىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كاتېرىنى ۋە 10 كىشىلىك قۇرۇقلۇققا چىقىش گۇرۇپپىسىنى تارمار قىلغانلىقى ھەمدە شۇ جايدىكى ئۈچ ئوق-دورا ئامبىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى،