14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2-قېتىم يىغىن ئاچتى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2-قېتىم يىغىن ئاچتى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى بېكىتمە لايىھەسى قاتارلىقلارنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 192 بولۇپ، 191 كىشى قاتناشتى، بىر كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر گوۋۇيۈەننىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان تەكلىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلىدى. قاراپ چىقىش جەريانىدا، ۋەكىللەر بەزى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇڭ شەن يىغىنغا مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، يىللىق پىلاندىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننىڭ كۆپ قىسمى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2023-يىللىق پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش، 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بېرىمىز.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى ياۋبىن يىغىنغا مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: 2022-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى. گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2023-يىللىق خامچوت دوكلاتى، مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2022-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش، 2023-يىللىق مەركەز خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاش شۇنداقلا 2023-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قەرز چېكىنى 16 تىرىليون 548 مىليارد 922 مىليون يۈەن، مەخسۇس قەرز چېكىنى 2 تىرىليون 561 مىليارد 805 مىليون يۈەن قىلىپ تەستىقلاش تەكلىپىنى بېرىمىز.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتى ماقۇللاندى.
3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسى، خامچوت دوكلاتى ۋە خامچوت لايىھەسىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، ئىككى دوكلاتقا ئايرىم-ئايرىم ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى، دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى ۋە مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا ئاساسەن، پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسى، خامچوت دوكلاتى ۋە مەركەزنىڭ خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم پىلان دوكلاتى ۋە پىلان، خامچوت دوكلاتى ھەم خامچوت توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 2022-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىپ، قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى بېكىتمە لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شىن چۈنيىڭ بەرگەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى بېكىتمە لايىھەنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلام ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا