ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-13 15:47

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېن بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2022-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىن ئىبارەت ئالتە قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، بۇ ئالتە قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالى قاراپ چىقىلدى.

يىغىن يۇقىرىقى قارار لايىھەلىرىنىڭ ئاۋازغا قويۇش ئارگىنالىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.