ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەل رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-13 15:52

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاش ۋە خەت ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ بۇ ئالىي ۋەزىپىنى يەنە بىر قېتىم ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز، سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزغا بولغان يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە تولۇق ئىشەنگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى. سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ زور گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

نېپال زۇڭتۇڭى باندارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو ئەڭ ياخشى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. نېپال سىزنىڭ نېپال-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بولغان يىراقنى كۆرەرلىكىڭىزگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، نېپال-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېبېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن سەمىمىي، دوستانە، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭقۇر تارىخىي مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئورتاق مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمەن.

سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. جۇڭگو ھەقىقەتكە، ھەققانىيەتكە ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە ئىنتىلىدىغان دۆلەت، دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تارقىتىشقا كۈچ چىقارماقتا. سۇرىيە خەلقى سۇرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

كۇۋەيت ئەمىرى ناۋاف مۇنداق دېدى: سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، دوست جۇڭگو ھەر قايسى ساھەلەردە گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، قەدىمىي مەدەنىيەت يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. مەن كۇۋەيت بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىدىن پەخىرلىنىمەن.

پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس مۇنداق دېدى: سىز جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ ئاجايىپ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردىڭىز، تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىڭىز كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى، بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە يۈكسەك ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. سىزنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ داۋاملىق يېڭى غەلبە ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بېكىتىلگەن نىشان ۋە ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىڭىزغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدىكى ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ يېڭى سەپەرگە ئاتلانغانلىقىغا يۈكسەك ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇھىم پەيتنى تەبرىكلىدۇق. كېنىيە جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيانقى قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلايدۇ ھەمدە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزغا بولغان چەكسىز ئىشەنچىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇق ۋە كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلغان يەر شارى ھەققانىيەت ئىشلىرىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز زور خۇشاللىق بىلەن سىزنىڭ ئۇدا سايلانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز. سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقى ھەم خەلقئارا سەھنىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندايىشىمىيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسى ۋە سىزنىڭ يىراقنى كۆرەر داھىيلىق سالاپىتىڭىزنى ئىسپاتلىدى. بۇرۇندى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاھىدە دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.

سومالى زۇڭتۇڭى مەھمۇد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. سومالى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. بىز ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

نىكاراگۇا زۇڭتۇڭى ئورتېگا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشىڭىز دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى، تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات پىرىنسىپى ۋە قىممەت قارىشىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. نىكاراگۇا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، نىكاراگۇا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئادىل، تىنچ، بىخەتەر، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

سالۋادور زۇڭتۇڭى بۇكېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇدا سايلانغانلىقىڭىز سىزنىڭ كۈچلۈك، قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە پۈتۈن دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئاۋانگارتلىق ئورنىڭىزنى ئىسپاتلىدى. سالۋادور قېرىنداش جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك داۋاملاشتۇرۇلغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ ۋە ئىلھام ئالىدۇ.

بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن بولىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن سىزنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇدا سايلانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. بىز جۇڭگو بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇق ۋە دوستانە ھەمكارلىققا قەتئىي ئىشىنىمىز ھەم داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز.
گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىكىڭىزگە بولغان غايەت زور ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ. جۇڭگو خەلقى پارلاق ھەم ئىشەنچلىك كەلگۈسىنى كۈتۈۋالدى. گىۋىيانا جۇڭگودەك ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات ھەمراھى ۋە دوستى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.

بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا رەئىسلەر كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سۋىيانوۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز سىزنىڭ جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئابرۇيى، تەسىر كۈچى ۋە مۇھىملىقىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىڭىزنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ. سىزنىڭ يىراقنى كۆرەر دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگونىڭ چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. مەن سىز ۋە جۇڭگو خەلقىگە ئوخشاش ھەقىقىي دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن.

سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرمەكتە، سىزنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىشى ئارقىسىدا، سىنگاپور بىلەن جۇڭگو ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم يېقىن دوستلۇق ئورناتتى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

رەئىس شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلەردىن يەنە: پاكىستان زۇڭلىسى شاباز، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو، نېپال زۇڭلىسى پراچاندا، دومىنىكا زۇڭلىسى سكەرېت، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فەكى قاتارلىقلار بار.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەل رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاش ۋە خەت ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.