گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. لى چياڭ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بىز پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىمىز. بىز چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ خەلققە چىڭ تايىنىپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى ۋە «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايدىغان» مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، پۈتۈن كۈچىمىزنى بېغىشلاپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز.
لى چياڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇ قەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.
لى چياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. بىز مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت، ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت» نى ياخشى ئېتىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
لى چياڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پۇقراۋى كارخانىچىلار چوڭقۇر ئىلھاملاندى. «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات بوشلۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ، پۇقراۋى ئىقتىساد ئىگىلىك ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ قايتا ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ شانلىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى چياڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز.
يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە، لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسىتى كۈچەيتىلىدۇ، ئاجىزلاشتۇرۇلمايدۇ. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق قاچىسىنىڭ ئۆز قولىدا مەھكەم تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
لى چياڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش بىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىمىز، بىز بۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا بولىدۇ ھەم ھەمكارلىشىشى كېرەك، قورشاش، بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق.
لى چياڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
لى چياڭ يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن