گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ 1-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى، «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى (تۈزىتىلمىسى)»نى مۇزاكىرە قىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشقا باشلىدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: گوۋۇيۈەن ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجادىي ھالدا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. «بىر تاختا شاھمات بولۇش» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ئىشلەپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، خىزمەتلەرنى ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار، ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار باشقۇرىدىغان دۆلەتلىك ئىدارىلەرنى تەسىس قىلىش قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاپپارات ئىسلاھاتى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، ئاپپارات، مەسئۇلىيەت، قوشۇن قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى، تەرتىپلىك جىپسىلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ئىقتىدارلىق ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى» مۇزاكىرە قىلىندى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئارگىنالنى گوۋۇيۈەننىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: گوۋۇيۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەلەپلىرىگە توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم-كوتسىز ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل