ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 10:09

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ماقۇللانغان قارالمىلارغا ئاساسەن، يىغىندا ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ليۇ جۈنچېن، گو جېنخۇا، خې شىن، خۇ شياۋلى، ئوۋياڭ چاڭچيۇڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

يىغىندا تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، جاۋ لېجى سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئورگان. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زۆرۈر دەرسلىك ۋە ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت، جۇڭگو كومپارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بەرپا قىلغان يىپيېڭى سىياسىي تۈزۈم بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. دۆلىتىمىزدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ تۈزۈمنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش يىل دەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش باشلانغان ھالقىلىق مەزگىل. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى توغرا تېپىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ نۆۋەتلىك بەش يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەكۈنلەش، ۋارىسلىق قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل بولۇشىغا، بىرلىككە كەلگەن نوپۇزى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.