رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇمىز.
رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە تارىخىي يوسۇندا يۈكلەندى. ئىككى كۈندىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى گازارمىلاردا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رادىيو، تېلېۋىزور، گېزىت ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى. راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈيى قويۇپ بېرىش يىڭىنىڭ يىڭجاڭى جاڭ شياۋلىن بۇرچنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېگىزلىكتىكى راكېتا ئەسكىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاتىكاغا ئۆتۈش قىياپىتىمىز بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم باش پونكىتى سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى شۆ كۇن مۇنداق دېدى: بىز بىرىنچى سەپتىكى پەن-تەتقىقات قىسمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇرۇش ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسى دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز.
رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر بىردەك، قىسىمغا نىسبەتەن، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ ئاساسى ئادەتتە ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە 80-جىتۈەنجۈنى مەلۇم لۈيىنىڭ ليەنجاڭى جاۋ بىڭبىڭ مۇنداق دېدى: جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھنى جارى قىلدۇرۇپ، جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋاسىتە ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى يەر يۈزى ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم لۈسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ما شۈن مۇنداق دېدى: بىز ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرچنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئۆزگىرىشى، ئۇرۇش ئۆزگىرىشى، رەقىب ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەھدىتلەرنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇمىز.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيىسىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان پولات سېپىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ ئىشتاب باشلىقى گۇەن يەنچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئارمىيەمىزنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت