ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىز ئاسمىنىدا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 16:57

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىز ئاسمىنىدا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى قورال ئىشلەتمىدى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەنمۇ ئۇچراشمىدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر كوماندىرى ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى دېگەن ئىدى.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىز ئاسمىنىدا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىز ئاسمىنىدا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: