ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 17:00

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا: يىغىندىن كېيىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى ئىش تەقسىماتى تەتقىق قىلىپ بېكىتىلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى ئايرىم-ئايرىم بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنى تەيىنلەش ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات، 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىدا تەيىنلىنىدىغان خادىملارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشىگە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى: 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بولسا دەپ تەكلىپ پىكىر بېرىلدى.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەركىبىدىكى خادىملار پارتىيەگە، خەلققە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا سادىق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۆھپە قوشۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى شەرت.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خەلقتىن ئەقىل سوراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشىنى باشلامچىلىق بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى ۋە ھەر ۋاقىت غېمىنى يېيىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى باشتىن ئاخىر ساقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت ئورنىدا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.