گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تور قانۇنچىللىق
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 16ـ كۈنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تور قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، 1994-يىلى ئېلىمىز خەلقئارا ئىنتېرنېتقا تولۇق ئىقتىدارلىق ئۇلانغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى تور قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، دۇنياۋى ئىنتېرنېت ئىدارە قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تونۇشتۇرۇلدى: ئېلىمىز تور قانۇنى چىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى، 1994-يىلىدىن بۇيان، تورغا ئائىت 140تىن ئارتۇق قانۇن تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، جۇڭگوچە مول ئالاھىدىلىككە ئىگە تور قانۇن سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.
تور بوشلۇقىنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019-يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 3 مىليون 220 مىڭ كۆچمە ئىنتېرنېت قوللىنىشچان پىروگراممىسى تەكشۈرۈلۈپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ كۆچمە ئالاقە تورى قوللىنىشچان پىروگراممىسىدىن 3000ئى ئاشكارا ئېلان قىلىندى ۋە بىكار قىلىندى. ئېلىمىز يەنە سۇپا ئىقتىسادىي ساھەسىدە مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشقا ئائىت قانۇن ئىجراسىنى قانات يايدۇرۇپ، «ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تور زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش مېخانىزمى ئورناتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى: ئېلىمىز خاڭجۇ، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ ئىنتېرنېت سوت مەھكىمىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تەسىس قىلىپ، «توردىكى دېلونى توردا قاراپ چىقىش»نى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. تور تاراتقۇلىرىدىن پائال پايدىلىنىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور ئەھلىنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە قانۇنچىللىق قارىشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل