ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ خەينەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 09:51

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى خەينەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى چياڭ ئالدى بىلەن خەيكۇ شىڭخەي پورتى يولۇچى توشۇش تۈگۈنى تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تاموجنىنى يېپىق باشقۇرۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زور تەدبىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەقەت باشقۇرالىغاندىلا ئاندىن قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېسىم سىنىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەقىل-پاراسەت، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئارالدا تاموجنىنى يېپىق باشقۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

لى چياڭ ئارقىدىن خۇاباڭ گۈزەل ماكان (خەيكۇ) ساناتورىسىيەسىگە كېلىپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق كۈتۈنۈش شەكلى، ياشانغانلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۆرىدەپ، مەھەللىلەردە گىرەلەشمە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ياشانغانلارنىڭ تاماق يېيىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئېھتىياجىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاكتىپ ياشانغانلار قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياشىنىپ قالغان، بەك چوڭ ياشتىكى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان قىلىش، تۆۋەن ياشتىكى ساغلام ياشانغانلارنى ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان قىلىش كېرەك. لى چياڭ ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، ئۈمىدۋار بولۇشى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارادىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى چياڭ خەينەن ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ جياڭدۇڭ رايونىدا خەينەن ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تەرەققىياتى، باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. لى چياڭ لىزۇ تېببىي دورىگەرلىكى ئامبۇلاتورىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: لىزۇ تېبابىتى، لىزۇ دورىگەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۆھىرى، ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۈچ يىلدىن بۇيان تېببىي خادىملار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئالاھىدە تۆھپە قوشتى، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

لى چياڭ خەينەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خەينەننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ خەينەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى خەينەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.