جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى
يېقىندا «پاكىز كەلگۈسىنى يارىتايلى!» دېگەن شوئار بېسىلغان جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى «ۋۇلىڭ» يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى Air ev ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدىكى ساياھەت شەھىرى لابۇئان باجودا ئۆتكۈزۈلگەن 42-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋۇلىڭ ھىندونېزىيە سېتىش شىركىتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت دىرېكتورى برائىن گۇمگۇم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ۋۇلىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلىدىن 50ى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بېرىش-كېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، كارخانىنىڭ شوئارىدىن باشقا، ئاپتوموبىلغا يەنە باشلىقلار يىغىنىنىڭ بەلگىسى ۋە شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالاھىدە سۈرەتلەر بېسىلدى.
بۇ ۋۇلىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ تۇنجى قېتىم ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىغىندا پەيدا بولۇشى ئەمەس. بۇلتۇر 11-ئايدا شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ھەممىباب ۋۇلىڭ ھىندونېزىيە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 300 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل Air ev ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سۈپىتىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە تەشكىلىي كومىتېتىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
Air ev--شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋۇلىڭ شىركىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ ئىشلەپچىقارغان ئەڭ يېڭى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل، بۇلتۇر 8-ئايدا ھىندونېزىيە ۋۇلىڭ ئاپتوموبىل سانائەت باغچە رايونىدا رەسمىي بازارغا سېلىندى، بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان سېتىلىش مىقدارى 8600 دىن ئېشىپ، شۇ يىلى ھىندونېزىيە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %78تىن ئاشتى. ۋۇلىڭ ھىندونېزىيە سېتىش شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى دىئان ئاسماھانى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋۇلىڭAir ev كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ يول شارائىتىغا ماس كېلىدۇ، باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى.
ھازىر ھىندونېزىيەدە يىلتىز تارتقىنىغا بەش يىل بولغان ۋۇلىڭ ئاپتوموبىلى شۇ جايدا بازىرى كۈنسېرى ئىتتىك بولۇۋاتقان جۇڭگو ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بۇلتۇر ھىندونېزىيەدە سېتىلغان ئاپتوموبىل 30 مىڭدىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ھۆكۈمەت تور بېكىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جەمئىي 370 توكلۇق ئاپتوموبىل باشلىقلار يىغىنىنى قاتناش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 282 ئاپتوموبىل يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن. ئاسماھانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايونىدا يېشىل سەپەرگە چىقىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈپ، توكلۇق ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلغان. 2023-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، ھىندونېزىيە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىستېمالچىلىرىنى %10 قوشۇلما قىممەت بېجى تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلىگەن.
ھازىرقى باسقۇچتا، جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ۋۇلىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىدىن باشقا، بىيادى شىركىتىنىڭ تايلاندتىكى تۇنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا بۇ يىل 3-ئايدا ئىش باشلاندى، سەددىچىن ئاپتوموبىل شىركىتى 5-ئايدا مالايسىيا بازىرىدا ئۈچ خىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپىنى نۇقتىلىق بازارغا سالدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل