ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-17 09:19

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە سەپەرۋەر قىلدى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى مەخسۇس تۈزۈپ تارقىتىپ، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگىنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىر»نى تارقىتىپ، كۆپ يوللۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاساسىي قاتلامغا ئۈچ ئاي نۇقتىدا تۇرۇشقا ئەۋەتتى. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگىنىنىڭ خېبېيغا بېرىپ نۇقتىدا تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پوچتا ـ تېلېگراف ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇ نىڭ مۇنداق دېدى: نۇقتىدا تۇرۇش بىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىمىزنى ياخشى پۇرسەت، كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، بىز چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويىمىز. نۇقتىدا تۇرۇشتىن بۇرۇن، ھەر بىرىمىز بىرلا خىل كەسپىي خىزمەت قىلاتتۇق، ھازىر ھەممىمىز كۆپ ئىقتىدارلىق ئادەمگە ئايلاندۇق. بەزى خىزمەتداشلار ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: نۇقتىدا تۇرۇش بىزنى «مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى»دىن «ئۇنىۋېرسال بۆلۈم دوختۇرى»غا ئايلاندۇردى.

كېيىنكى قەدەمدە، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى پىششىق تەتبىقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىدۇ. مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى شۈ ليۇپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمگەك ئىقتىسادىي ھوقۇقى قاتارلىق ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزىمىز. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ۋە ئۆز ئورنى، ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلارنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىمىز.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ،