دىڭ شۆشياڭ سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور يېقىن قوشنا ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلار. يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى لى شيەنلۇڭ جۇڭگو سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. جۇڭگو يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سۇپىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى، سۇجۇ سانائەت رايونى، چۇڭچىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرى ۋە گۇاڭجۇ بىلىم شەھەرچىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداشنى، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» نى يۇقىرى سەۋىيەدە يولغا قويۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
خۇاڭ شۈنسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك. سىنگاپور بىر جۇڭگو سىياسىتىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدۇ. سىنگاپور «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە سىنگاپور-جۇڭگو ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەتراپلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل