ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭشادىكى «29-ئاپرېل» ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-23 09:13

2022-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 12 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى ۋاڭچېڭ رايونى جىنشەنچياۋ كوچا باشقارمىسى جىنپىڭ مەھەللىسى پەنشۇۋەن گۇرۇپپىسىدا ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 54 ئادەم قازا قىلغان، 9 ئادەم يارىلانغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 90 مىليون 778 مىڭ 600 يۈەنگە يەتكەن. يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا خۇنەن چاڭشادىكى «29-ئاپرېل» ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، خۇنەن چاڭشادا يۈز بەرگەن «29-ئاپرېل» ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەسى ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلغانلىقى، قەۋەتنى كېڭەيتىپ سالغانلىقى ۋە ئىجارە بېرىش تىجارىتىگە ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن، يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ ئىمارەتلەرنى تۈزەش، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشتە ئەستايىدىل بولمىغان ھەم مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، بەزىلىرى ھەتتا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ كارى بولمىغان، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئۇزاققىچە تۈزەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت ۋەقەسى دەپ بېكىتىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، تەسەللى بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلەش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئالاقىدار جاۋابكارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.

ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈچۈن، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن خۇنەن چاڭشادىكى «29-ئاپرېل» ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى باشلامچى بولدى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتناشتى، پىلانلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش، قانۇن، ئاممىۋى بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.

ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ۋەقەنىڭ بىۋاستە سەۋەبى-قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئەسلىدىكى بەش قەۋەتلىك، بىر قىسمى ئالتە قەۋەتلىك ئىمارەتنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى ناچار، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، مۇقىملىقى ناچار، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سەككىز قەۋەت، بىر قىسمى توققۇز قەۋەت قىلىپ كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، كۆتۈرۈشچانلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تۈۋرۈك ۋە تامنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، بېسىم سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھەم داۋاملىق كېڭىيىپ، ئاخىرىدا ئۆي پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، روشەن ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئالامىتى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، ئۆي ئىگىسى نەسىھەتكە قۇلاق سالماي، جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللانمىغان، بۇ-ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولۇشتىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خۇنەن ئۆلكىسى، چاڭشا شەھىرى، ۋاڭچېڭ رايونى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردا مەركەزلىك تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېچىكىپ كېتىش، ئاددىيلا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، تەكشۈرۈپ تۈزەشتە ئەستايىدىل بولماسلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلىش، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، ئۆي تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش، ئۆزى ئۆي سېلىشنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى مەنبەسىدىن كونتروللۇقىنى يوقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، ۋەقەگە چېتىشلىق ئۆي ئىگىسى ۋە ئالاقىدار كارخانىلاردا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار مەۋجۇت دەپ بېكىتىلدى.

ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى مەسىلىسى ۋە چىرىكلىككە چېتىشلىق يىپ ئۇچى ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭشادىكى «29-ئاپرېل» ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2022-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 12 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى ۋاڭچېڭ رايونى جىنشەنچياۋ كوچا باشقارمىسى جىنپىڭ مەھەللىسى پەنشۇۋەن گۇرۇپپىسىدا ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 54 ئادەم قازا قىلغان، 9 ئادەم يارىلانغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 90 مىليون 778 مىڭ 600 يۈەنگە يەتكەن.