ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى مالايسىيادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-23 09:18

جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى زوخارىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە مالايسىيادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، كۇئالالۇمپۇر ۋە پۇتراجايادا ئالىي دۆلەت باشلىقى ئابدۇللا، زۇڭلى ئەنۋەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى زوخارى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

جاۋ لېجى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بۇ يىل جۇڭگو-مالايسىيا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو مالايسىيا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تەڭ قۇرۇپ، مىڭ يىللىق دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئابدۇللا جاۋ لېجىدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مالايسىيا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقتىن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 50 يىلدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جاۋ لېجى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى ئالىيلىرى جۇڭگو-مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو مالايسىيا بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول«نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنىنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مالايسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش، مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالايسىيا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشنى خالايمىز. جۇڭگونىڭ سىرتقا تەھدىت سېلىش، كېڭەيمىچىلىك قىلىش، مۇستەملىكە قىلىش تارىخى يوق، مالايسىيا-جۇڭگو دوستلۇقى ئۆزئارا چۈشىنىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. مالايسىيا جۇڭگونى ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوست دەپ قارايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول«نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.

جاۋ لېجى زوخارى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالايسىيا پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ياخشى سىياسەت ۋە قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

زوخارى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

جاۋ لېجى مالايسىيا تەرەپكە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مالايسىيە تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا ئاسىيانىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن خۇشال ۋە پەخىرلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى پۈتكۈل رايون ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

جاۋ لېجى مالايسىيادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانا خىزمەتچىلىرىنى كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى؛ مالاككا ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى ئادۇلاۋۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ جېڭ خې مەدەنىيەت سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ رىشتىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى مالايسىيادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى زوخارىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە مالايسىيادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، كۇئالالۇمپۇر ۋە پۇتراجايادا ئالىي دۆلەت باشلىقى ئابدۇللا، زۇڭلى ئەنۋەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى زوخارى بىلەن سۆھبەتلەشتى.