ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 15-نومۇر ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-04 13:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 4-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 6 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى شەرق شامىلى قونۇش مەيدانىغا ئوڭۇشلۇق قونغان، نەق مەيداندىكى تېببىي كۆزىتىش، كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىسى فېي جۈنلۇڭ، دېڭ چىڭمىڭ، جاڭ لۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

سائەت 5 تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچۇش تەرتىپىگە ئاساسەن، شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلمىسى بىلەن قايتىش بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلدى. ئارقىدىن، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش موتورى ئوت ئالدۇرۇلدى، قايتىش بۆلمىسى بىلەن ئىتتىرىش بۆلمىسى ئايرىلىپ، قايتىش بۆلمىسى ئوڭۇشلۇق قوندى، قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى نىشاننى ۋاقتىدا بايقاپ، قونۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ باردى. قايتىش بۆلمىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، تېببىي كۆزىتىش، كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى جەزملەشتۈردى.

شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلدى، ئارقىدىن تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ بىرىكمە گەۋدە ھاسىل قىلىندى. ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوربىتىدا تۇرغان مەزگىلدە، نۇرغۇن بوشلۇق ئىلىمى تەجرىبىسىنى تاماملاپ، تۆت قېتىم بۆلمىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىپ، بۆلمە سىرتىدىكى كېڭەيتىش پومپىسى گۇرۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇش، بۆلمە ھالقىغان كابېل ئورنىتىش ۋە ئۇلاش، بۆلمە سىرتىدىكى يۈك كۆتۈرۈش سۇپىسىنىڭ تىرەك دەستىسىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بوشلۇق پونكىتىدىكى كۆپ قېتىملىق يۈكنى بۆلمىدىن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ماسلىشىپ، كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك بۆلمە سىرتى ئىلىمى ۋە تېخنىكا تەجرىبىسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشقا ئاساس سالدى.

ھازىرغىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان چاغدىكى ئوتتۇرىچە يېشى ئەڭ چوڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يەككە گۇرۇپپا بويىچە بۆلمىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىش سانىدا رېكورتنى يېڭىلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ تارىخىي پەيتىگە گۇۋاھ بولدى.

翻译:阿布都拉

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 15-نومۇر ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 6 دىن 33 مىنۇت