ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:23

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياسىمىچىلىق ئۆلكىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر توپىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ياسىمىچىلىق چوڭ ئۆلكىسىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك ئۆلكىسىگە ھالقىشنى تېز ئىشقا ئاشۇردى.

يېقىندا شېنجېندىكى بىر لىتىيلىق باتارېيە شىركىتى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ۋاسىتىچى بولۇشى بىلەن شۇ جايدىكى بىر كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاياغ ھالقا كارخانىلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ» ئەۋرىشىملىكىنى ئۆستۈرۈش «مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زەنجىرسىمان ئاساسىي كارخانىلارنى چۆرىدەپ، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى تەسىس قىلىش، باش، ئاياغ ھالقا كەسىپلەر زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق، زەنجىرسىمان ئاساسىي كارخانىلار بىلەن شۇ رايوندىكى كارخانىلارنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر توپى ۋە كەلگۈسى كەسىپلەر توپىنى زورايتتى ۋە يېتىشتۈردى. ھازىر شېنجېندا خۇاۋېي، بىيادى، مەيرۈي قاتارلىق بىر تۈركۈم يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك زەنجىرسىمان كارخانىلارغا تايىنىپ، شۇ جاي تور ئالاقىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

شېنجېن شەھىرى باۋئەن رايونىدىكى بىر چاڭ-توزانسىز سېختا، خىزمەتچىلەر ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۇچار سېكۇنت لازېر ئەسۋابىنى سىناق قىلىۋاتاتتى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ 22 كەشپىيات پاتېنتى، 35 ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنتى بار.

كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرى تىرەك بولدى، كارخانا، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرلىشىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق تېخنىكىلاردا ئورتاق بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ھازىر گۇاڭدۇڭدا دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن تۆتى بار، ئۆلكە دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى 40 قا يەتتى، 15 ۋىلايەت، شەھەر، 17 ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر توپىنى قاپلىدى.

بۇ يىل 1-پەسىلدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 20 ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ توپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۆلكىنىڭ 40% كە يېقىنىنى ئىگىلىدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 2035-يىلىغا بارغاندا، ياسىمىچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 70% ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياسىمىچىلىق ئۆلكىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر توپىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ،