ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 6G تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:29

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى جىن جۇاڭلۇڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان 31-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۇچۇر ـ خەۋەرلىشىش كۆرگەزمىسىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى ئەۋلاد ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 6G تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.

جىن جۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش كەسپى خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، باشلامچى كەسىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تېخنىكىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تور ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇردى، بۇنىڭ بىلەن سانائەت ئىنتىرنېتىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىدىغان يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭىچە ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىغا تېز قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، سانائەت ئىنتىرنېتىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كېيىنكى ئەۋلاد ئىنتېرنېت قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.

31-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش كۆرگەزمىسىدە «ئۇچۇر چوڭ تومۇرىنى ئېچىپ، بىرلىكتە رەقەملىك ئەقلىي يېڭى دەۋر يارىتىش» باش تېما قىلىنىپ، ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىندى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 6G تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى

يېڭىچە ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىغا تېز قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، سانائەت ئىنتىرنېتىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز