«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چىڭخەيدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەشۋىقات يىغىنى ئېچىلدى
مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى-شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چىڭخەيدىكى ئەمەلىيىتى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تاشقى تەشۋىقات يىغىنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنىڭدا ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى تەشۋىقات يىغىنىدا «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش:ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش» باش تېما قىلىندى. ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئوكيانىيەدىكى 30 غا يېقىن دۆلەتنىڭ 150 تىن ئارتۇق پارتىيە رەھبىرى ياكى ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۈللەنگەن، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىپرۇس ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى خېلىسانسوس گېئورگىۋ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىغاندەك قوغدالغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئىسپاتى. سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلارغا بەك قايىلمەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت