ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى نىڭبودا يەتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 09:06

خاڭجۇ 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى جېجياڭنىڭ نىڭبودا يەتكۈزۈلدى. خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. خاڭجۇ 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا جېجياڭنىڭ نىڭبوغا يېتىپ كەلدى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن 170 مەشئەلچى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشكە قاتناشتى. مەشئەل يەتكۈزۈش جۇڭگو پورت مۇزېيىدىن باشلىنىپ، مېيشەنۋەندىكى 10 مىڭ كىشىلىك قۇملۇق ساھىلى، دېڭىز بويى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈپ، مېيشەن پورت رايونى يۈك ساندۇقى پىرىستانىغا يېتىپ باردى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 12.7 كىلومېتىر.

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى يۈەن شىنيۆ بىرىنچى مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولدى. ئۇ پۈتۈن كوماندىمىز ھازىر نىڭبودا مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، بىز مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

شۇ كۈنى، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق «تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ، تەنھەرىكەتچىلەر كەنتى تۇرمۇش سارىيى، تېخنىكا ئەمەلدارلىرى كەنتى مەدەنىيەت ئۆيى، تاراتقۇ كەنتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېس قىلىش سارىيى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاڭجۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى سۈن شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز رەقەم، ئەقلىي ئىقتىدار، پەن-تېخنىكىنى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىنىڭ مۇلازىمەتنى ھېس قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش جەريانىغا تولۇق سىڭدۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق رەقەمنى ئەپچىل ھالدا يۇغۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ھەر قايسى مېھمانلارنى ئىللىق، راھەت بولغان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى نىڭبودا يەتكۈزۈلدى

خاڭجۇ 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى جېجياڭنىڭ نىڭبودا يەتكۈزۈلدى