لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 6000دىن ئېشىپ كەتتى
لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاجىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئالتە مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاجىل شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى پەقەت دەسلەپكى ئىستاتىستىكا، بۇنىڭ ئىچىدە دېرنا شەھىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى كەلگۈسى بىر قانچە سائەت ئىچىدە يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن. خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقا خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە 100 مىڭ نوپۇسى بار دېرنا شەھىرىدە 35 مىڭ ئادەم يۇرت-ماكانسىز قالغان. لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىنىستىرى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان دېرنا شەھىرىدىلا 5300 دىن ئارتۇق قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتى بايقالدى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە زور دەرىجىدە ئېشىشى ھەتتا ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇمكىن.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى لىۋىيە ھۆكۈمىتى دېرنادىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ تېزدىن چېكىنىپ ئارمىيەنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا