خەن جېڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساگار بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ مۇھەممەدنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، سىياسىي دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېسەك ئالتۇن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.
ساگار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان سىياسىي ئارزۇسى. جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت. كېلەر يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، قانۇن چىقىرىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا