سەي چى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇرىن بىلەن كۆرۈشتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى سۇرىن بىلەن كۆرۈشتى. سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر، ئورتاق غايە، ئېتىقاد ۋە قىممەت ئىنتىلىشىگە ئىگە، بىز ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «16 خەت» لىك فاڭجېن ۋە «تۆتتە ياخشى بولۇش» روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقلىرى سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە بىرلىكتە قاتتىق زەربە بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
سۇرىن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا