ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىدىكى 12 مىڭ 700 ئىشچى ئىش تاشلىدى
ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىدىكى 12 مىڭ 700 ئىشچى ھەممىباب، فورد ۋە ستەيلانتىس قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىدىكى ئۈچ زاۋۇتتا 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئىش تاشلىدى. ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شوئېن فېننىڭ ئېيتىشىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەسلىگە كېلىدىكەن، ئەگەر ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى ئىشچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى رەت قىلسا، ئۇلار ئىش تاشلاش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى