دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى ئېلنىنو ھادىسىسى ئاز دېگەندە كېلەر يىلى 4-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ دەپ قارىدى
دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەڭ يېڭى مۆلچەرىنى ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئېلنىنو ھادىسىسى ئاز دېگەندىمۇ كېلەر يىلى 4-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، دەپ قارىدى. ئېلنىنو ھادىسىسى يەر شارى تېمپېراتۇرىسى ۋە يامغۇر ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 2 يىلدىن 7 يىلغىچە بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ، ئادەتتە 9 ئايدىن 12 ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. يېقىندا ئېلنىنونىڭ تەسىرىدە كېنىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە قاتتىق يامغۇر ياغدى، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولدى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن