6-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئۈزلۈكسىز مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالىنىپ، نەچچە يۈز تۈردە كېلىشىم ۋە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىندى
6-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاياغلاشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۆرگەزمىدە نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاش، كېڭىشىش ئۈزۈلمىدى، نەچچە يۈز تۈرلۈك كېلىشىم ۋە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىندى.
6-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئېچىۋېتىلگەن «كۆزنەك»ئارقىلىق، جۇڭگو چوڭ بازىرى دۇنيا چوڭ پۇرسىتىگە ئايلىنىپ، كۆرگەزمە سودىگەرلىرى بىلەن سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تۇتۇشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەلۇم داڭلىق داۋالاش ئېستېتىكىسى ماركىسى كۆرگەزمە سۇپىسىدا، چۈش سائەت بىردىن باشلاپ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مەلۇم يېمەكلىك كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا: بىر كۈندە ئىككى قېتىم كېلىشىم ئىمزالىدۇق، ئىككى كۈندە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېلىشىم ئىمزالىدۇق، «ئىمپورت كۆرگەزمىسى سۈرئىتى»نى ھېس قىلدىم، دېدى.
بۇ يىل تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە سارىيى نەچچە كۈندىن بۇيان نۇرغۇن سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى، ئامېرىكا دادۇر ئېكسپورت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بو سىچەن مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارقىلىق مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق، ھازىرغىچە يەتتە كونكرېت سودا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدۇق. كېلەر يىلى بىز يەنە بۇ يەرگە كېلىمىز. بىز يەتتىنچى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە تىزىملاتتۇق.
يېقىندا ئاياغلاشقان ئىمپورت كۆرگەزمىسى سودا سېلىنمىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنىدا، 4000غا يېقىن سودىگەر كېڭىشىش، تۇتاشتۇرۇشقا قاتنىشىپ، 100 مەيداندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 416 تۈرلۈك ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى، مۇددىئانامدىكى ھەمكارلىق سوممىسى تەخمىنەن 18 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل