ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:12

باش شۇجى شى جىنپىڭ: دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ كۆرسەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. ئەمدىلا ئاياغلاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ 500 دىن ئارتۇق كارخانىسى ھەر قايسى زەنجىرلەرنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇلازىمەتنى مەركەزلىك نامايەن قىلدى. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى تەمىنات زەنجىرى باش تېما قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل زەنجىرى كۆرگەزمە رايونىدا، يېڭى ماتېرىيالدىن باتارېيە، ئېلېكتىر ماشىنىسى، توك بىلەن كونترول قىلىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارغىچە بىر قاتار ئەڭ يېڭى، ئالدىنقى قاتاردىكى مەھسۇلات ۋە تېخنىكا كۆرگەزمە قىلىندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز كەسىپ ئاساسىنى قايتا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە زور تېخنىكا جابدۇقلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. ئاۋىياتسىيە موتورى، سانائەت ئانا ماشىنىسى قاتارلىق ئاجىز كەسىپلەرگە قارىتا، ئۇللۇق تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش سالمىقى زورايتىلىپ، كەسىپ زەنجىرى تولۇقلاندى. G5، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئېنېرگىيە جابدۇقى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرگە قارىتا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىيات تېزلىتىلىپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلدى. مېتال تاۋلاش، پولات-تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە قارىتا رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى.

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى يېڭىدىن ئېلان قىلغان «2023-يىللىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىگە دائىر رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىيات دوكلاتى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا سانىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 2023-يىلى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىگە دائىر رەقەملىك ئىقتىساد بازىرىنىڭ تىجارەت سوممىسى 51 تىرىليون 650 مىليارد يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار. بۇ يىل 9-ئايغىچە، تىجارەت دائىرىسى بۇلۇت ھېسابلاش، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىغا چېتىلىدىغان كارخانا 530 مىڭدىن ئاشتى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كۆلىمى ئۇدا 13 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇھىم مۇقىملاشتۇرغۇچىسىغا ئايلانغان. ئەمدىلا ئاياغلاشقان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى كۆرگەزمىسىدە 62 تۈرلۈك ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مۇلازىمەت تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 200 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى، مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالانغان، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سومما 150 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، باش، ئوتتۇرا، ئاياغ ھالقا كارخانىلىرىنىڭ جىپسىلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلارغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق سۇپىسى ھازىرلاپ بەرگەن. جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شاۋگاڭ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىگە قاتناشقان %90 كارخانا: تۇنجى نۆۋەتلىك كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى كۆرگەزمىسى باش، ئاياغ ھالقا كارخانىلىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى مۇلازىمەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، دەپ قارىدى.

دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياسىمىچىلىق كۆلىمى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازار يوشۇرۇن كۈچى، شۇنداقلا دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان كارخانىلار ئىگە بولغان ئېلىمىز كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ

باش شۇجى شى جىنپىڭ: دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ كۆرسەتتى.