ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 10:01

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گۇاڭچيەن ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر يىلدا، پۈتۈن ئىتتىپاق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك ئىتتىپاق خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مەسلىھەت بېرىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ جاسارەتكە كېلىپ نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ ئەۋزەللىكى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.