ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلار 11 مىليون 790 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 10:01

ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلار 11 مىليون 790 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 210 مىڭ كۆپ بولىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى 26 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر 2024-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش كۈزلۈك خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىلدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە قوش تاللاش يىغىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈردى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ 2024-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ تىپتىكى قوش تاللاش پائالىيىتىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى 400 ئورۇن 11 مىڭغا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمى 11 مىليون 790 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 210 مىڭ كۆپ بولغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى «2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 26 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، «ئونمىڭ كارخانا مەكتەپلەرگە كىرىش» پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى مەكتەپكە كىرىپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، ھەر بىر مەيدان تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە سىياسەت خاراكتېرلىك ئىش ئورۇنلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جايلارنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پەن، كەسىپلەرنى ۋاقتىدا سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلار 11 مىليون 790 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن

ھازىر 2024-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش كۈزلۈك خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى،