ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى: خاماسقا ناھايىتى تېزلا تېخىمۇ شىددەتلىك زەربە بېرىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-22 14:35

 ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 21-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۇلكەرىم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى نۇرشامىس مۇساپىرلار لاگېرىغا قارىتىلغان 50 سائەتلىك ھەربىي ھەرىكەتنى تاماملىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مۇنداق دېدى: ھەربىي ھەرىكەتتە، پەلەستىن قوراللىق خادىمىدىن 14نى ئېتىپ تاشلىدۇق، 15 ئادەمنى قولغا ئالدۇق، نۇرغۇن پارتلاتقۇچنى بايقىدۇق ۋە ۋەيران قىلدۇق. نۇرغۇن قورالنى قولغا چۈشۈردۇق. ھەرىكەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ توققۇز ئەسكىرى ۋە بىر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسى يارىلاندى.

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ قاسسام لۈسى 21-ئاپرېل، قوراللىق خادىملىرىمىز لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى شۇمېرا گازارمىسىغا 20 راكېتامىيۇت قويۇپ بەردى، دېدى. باياناتتا ھۇجۇمنىڭ كونكرېت ۋاقتى تىلغا ئېلىنمىدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 21-ئاپرېل ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خاماسقا ناھايىتى تېزلا تېخىمۇ شىددەتلىك زەربە بېرىمىز، دېدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى خالەۋى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىدى.

خاماس 21-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللىغان ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ياردەم بېرىش قانۇن لايىھەسى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، بۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە خەلقىگە داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەنلىك ھەمدە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىك.

تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى













中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى: خاماسقا ناھايىتى تېزلا تېخىمۇ شىددەتلىك زەربە بېرىمىز

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۇلكەرىم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى