بىرىنچى پەسىلدە سۇچىلىق تۈرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلىپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ياخشى باشلاندى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان سۇچىلىق تۈرى 23 مىڭ 500 گە، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %15.8 ۋە %12.3 ئاشتى. مۇئاۋىن سۇچىلىق مىنىستىرى چېن مىن مۇنداق دېدى: 1-پەسىلدە، سۇچىلىق سېلىنمىسى 778 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93.3 ئاشتى؛ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 193 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولدى. 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان سۇچىلىق تۈرىدىن 687 سىدە ئىش باشلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %94.6 ئاشتى. نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى ساقلاشقا ئاساس سالدى.
بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلدى. چېن مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇجياڭ دېلتىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ باشلاندى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەسىدىكى چاڭجياڭ دەرياسىدىن خەنجياڭ دەرياسىغا سۇ تولۇقلاش، خۇەيخې دەرياسى دېڭىزغا قۇيۇلۇش يولىنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم سۇ تورى زور قۇرۇلۇشلىرى تېزدىن يولغا قويۇلدى.
2023-يىلى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق شىمالدىكى رايونلار ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى. چېن مىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن 5542 ئورۇندىكى كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن نۇقتىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنىڭ 5112 سى ئوڭشىلىپ بولدى، ئومۇمىي ئوڭشاش نىسبىتى %92.2 بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي تاماملاش پىلانلاندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار