ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى كۈنمىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-24 10:39

3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى 23-ئاپرېل يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا ئېچىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە بولغان نادىر ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

بۇ قېتىمقى يىغىندا « كىتابخۇمار جەمئىيەتنى تەڭ بەرپا قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكتىن تەڭ بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، باش تېمىنى ئېلان قىلىش ۋە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش دەرسخانىسى، باھار شەھىرىدىكى كىتابخۇمارلار كارىدورى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولغان ياخشى كەيپىياتنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى كۈنمىڭدا ئېچىلدى

3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى كۈنمىڭدا ئېچىلدى