ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لياۋنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-24 10:40

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 23-ئاپرېل «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

2023-يىلى لياۋنىڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.3 ئېشىپ، ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۈچ تىرىليون يۈەنلىك سەۋىيەگە يەتتى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق نۇقتىلىق تۈرىدىن 156 نى يولغا قويۇپ، 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى. ئۆلكە بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.8 ئاشتى، ئۆلكە بويىچە تېخنىكا توختامىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى ئومۇمىي مىقدارى، ئېشىش سۈرئىتى «13-بەش يىل» دىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

بۇ يىل لياۋنىڭ ئۆلكىسى بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىدۇ. لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەن-مائارىپ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچىگە ئىگە رايون پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلغار جابدۇقچىلىق كەسپى، نېفىت-خىمىيە ۋە نازۇك خىمىيە سانائىتى كەسپى، مېتاللورگىيە يېڭى ماتېرىيال كەسپى، ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگىچە ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتىدىن ئىبارەت تىرىليون دەرىجىلىك تۆت كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىدۇ. كونا داڭلىق ماركىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، «ئەسلىدىكى داڭلىق ماركىلار»نى چوڭقۇر ئېچىش، «يېڭى داڭلىق ماركىلار»نى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى «ئۈچ چوڭ ئىش»نى داۋاملىق ياخشى قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لياۋنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

لياۋنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى