ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق يەرمەنكىسى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-24 10:43

 135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق يەرمەنكىسى  23-ئاپرېل باشلاندى، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 17گە قەدەر، دۇنيادىكى 213 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن چېگرا سىرتىدىكى 156 مىڭ 927 مال سېتىۋالغۇچى تور سىرتىدا يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21.2 كۆپ.

بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى 2-قارارلىق يەرمەنكىسىنىڭ قاتنىشىش قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، ياسىمىچىلىق يەككە تۈر چېمپىيونى، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە كارخانىلار 1400 دىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 300 دىن ئارتۇق كارخانا كۆپەيدى.

بىرازىلىيەلىك مال سېتىۋالغۇچى ئاننا ئالبېرت مۇنداق دېدى: بىز دائىم جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىزدەيمىز، ھەر قېتىم گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە كەلگەندە مەن بۇ يەرنىڭ تېخىمۇ كەسىپلەشكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ قالتىس لايىھەلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمەن، شۇڭا مەن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم كېلىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا، يېڭى تەمىنات كارخانىلىرىنى ئىزدەشكە ئەھمىيەت بېرىمەن.

بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق ئىمپورت يەرمەنكىسىگە 30 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 220 كارخانا قاتناشقان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ، جەمئىي 144 كارخانا قاتناشقان بولۇپ، تەخمىنەن %65 نى ئىگىلىگەن.

مىسىرلىق يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەر ئامۇر مۇھەممەد سائاد مۇنداق دېدى: بىز تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ۋە ئىقتىدار باھا نىسبىتى جەھەتتە تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كېلىپ گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇق، تۇنجى كۈنى بىز ياۋروپا، ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن نۇرغۇن خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدۇق. بىز گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدىغانلىقىمىزغا، شۇنداقلا جۇڭگودىن يېڭى ھەمكارلىق ھەمراھى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق يەرمەنكىسى باشلاندى

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق يەرمەنكىسى باشلاندى