ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تاجىكىستانغا يېتىپ بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-26 17:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەندە ئىجارە ئايروپىلان بىلەن تاجىكىستانغا يېتىپ بېرىپ، 9 كۈنلۈك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى باشلىدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورا قۇتىسى، نەپەسلەندۈرگۈچ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تاجىكىستانغا ياردەم بەرگەن 3- تۈركۈمدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا يەتكۈزۈلدى.

تاجىكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۆمەرزادە ئايرودۇرۇمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تاجىكىستان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تاجىكىستانغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ، تاجىكىستاننىڭ يۇقۇم ئۇستىدىن ئاخىردا غەلىبە قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تاجىكىستان جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، داۋالاش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تاجىكىستانغا يېتىپ بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەندە ئىجارە ئايروپىلان بىلەن تاجىكىستانغا يېتىپ بېرىپ،