ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن چىقىرىش جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-02 16:08

نۇرغۇن چەتئەل ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن چىقىرىش ــ شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىش ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش، جازالاشقا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر.

ئامېرىكا جۇڭگو ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى گۇپۇتا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن چىقىرىشنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاقلانە ۋە مۇۋاپىق، جۇڭگو مۇشۇنداق قىلسا تامامەن بولىدۇ، بۇ ئۇسۇل شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن.

كولومبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى دەۋىد جاننا مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، بۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇ بىر مۇتلەق  توغرا ئىش، جۇڭگونىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى بار، شۇنداقلا چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك.

ئىسپانىيە كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى سېنتىرىيا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۆز زېمىنى ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بار، باشقا ھەرقانداق دۆلەت جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشسا بولمايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有