ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركەيدىغان رەزىل نەيرىڭىنى ئېچىپ تاشلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-03 09:57

ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى كۈچىنىڭ بارىچە جۇڭگوغا قارا سۈركەپ، جۇڭگونى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. ھالبۇكى، پاكىتنىڭ ھەقىقىتى جۇڭگو تەرەپتە، بىمەنە، رەزىل قارا سۈركەش نەيرىڭى قەتئىي ئاقمايدۇ.

«يۇقۇمنى يوشۇردى» دېيىشتىن «شياڭگاڭنىڭ ئاپتونومىيەسى ۋە ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزدى» دېيىشكىچە، «دۇنيا سودىسىغا تەھدىت سالدى» دېيىشتىن «ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلىدى» دېيىشكىچە-ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى كۈچىنىڭ بارىچە جۇڭگوغا قارا سۈركەپ، جۇڭگونى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. ھالبۇكى، پاكىتنىڭ ھەقىقىتى جۇڭگو تەرەپتە، بىمەنە، رەزىل قارا سۈركەش نەيرىڭى قەتئىي ئاقمايدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يۇقۇم ئۇچۇرىدىن ۋاقتىدا، ئاشكارا، ئېنىق بەھرىمەن بولۇش-جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا باشتىن-ئاخىرىغىچە ئىزچىللاشتى. نەچچە ئاي بۇرۇن ئامېرىكا تېخى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاشكارا ماختاپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىكى ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئىنتايىن قايىل بولدۇق دېگەن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا خالىغانچە بىلەن ئەيىبلەپ ۋە تۆھمەت قىلىپ، پوزىتسىيەسىنى 180 گىرادۇس ئۆزگەرتىشى-مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئامېرىكا-نۆۋەتتە يەر شارىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۇزۇن مۇددەت يامان نىيەت بىلەن سۇسلاشتۇرۇش، ئىلىم-پەنگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقىغا سەۋەبچى بولۇش-ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب. بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئۆزىنى ماختاش، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىش ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشى خېلى بۇرۇنلا ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ھەم خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق باشقىلارغا قارا سۈركەشكە تايىنىپ، ئۆزىنى ئاسانلىقچە ئاقلىيالامدۇ؟

ئامېرىكا جۇڭگونىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشى-«شياڭگاڭنىڭ ئاپتونومىيەسى ۋە ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ ئەيىبلەپ، شياڭگاڭغا ئاتالمىش «جازا»نى يولغا قويىمىز دەپ تەھدىت سالدى. ئامېرىكا شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئاساسەن، خەلقئارادا ئاقىدىغان ئۇسۇل بويىچە، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاشقا مۇتلەق ھوقۇقى بار. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىش قارارى-پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. خۇددى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ ئېيتقاندەك، ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشى-ئۇنىڭ «ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئۆز بېشىمچىلىقى»نى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

ئۇندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلىشقا قانداق سالاھىيىتى توشىدۇ؟ ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشى سەۋەبىدىن بىر قارا تەنلىكنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى پەيدا قىلغان غەزەپ ئوتى ئامېرىكىدا لاۋۇلدىماقتا، «مەن نەپەس ئالالمىدىم» دېگەن ئېتىراز بىلدۈرۈش سادالىرى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ياڭرىماقتا. قورال-ياراغ زوراۋانلىقى يامراشتىن توردا نازارەت قىلىپ، شەخسلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشكىچە، كۆچمەن بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشتىن چەتئەللەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە سانسىزلىغان ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يېتىمىگە سەۋەبچى بولۇشقىچە-ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلغانلىقى دۇنيا ئەھلىگە ئايان.

ئامېرىكا جۇڭگو «دۇنيانىڭ سودىسىغا تەھدىت سالدى» دەپ جار سالدى، ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا سودا تەرتىپىگە تەھدىت سالغىنى دەل بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىقنى يولغا قويغان ئامېرىكا؛ ئامېرىكا جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىغا ئالاقىدار سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى، ئەمەلىيەتتە، بىر مەزگىلدىن بۇيان، دەل ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەر نەنخەي دېڭىزىدا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىماستىن قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتتى؛ ئامېرىكا جۇڭگوغا «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى» دەپ تۆھمەت چاپلىدى، ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو 2019-يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ خەلقئارادىكى پاتېنت ئىلتىماس مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.

پاكىت ئالدىدا، قانچە كۆپ قارا سۈركەشمۇ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ، مەسئۇلىيەتنى قانچە كۆپ باشقىلارغا دۆڭگەش ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۇرغاندىن باشقا ئىش ئەمەس، خالاس.

جۇڭگوغا جېنىنىڭ بارىچە قارا سۈركەشنىڭ كەينىگە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، زومىگەرلىك تەپەككۇرى يوشۇرۇنغان. بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك بېسىم ئىشلىتىدىغان قاتتىق سىياسەت قوللىنىمىز دەپ داۋراڭ سېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۈزلۈكسىز ئۇرۇنۇپ، جۇڭگوغا قارىتا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قوزغاشقا كۈشكۈرتمەكچى بولدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنىدىغان بىر قاتار خاتا-سۆز ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلىدى ھەم قەتئىي، كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

جۇڭگوغا جېنىنىڭ بارىچە قارا سۈركەشنىڭ كەينىگە ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى كۈچلۈك بولماسلىقتىكى مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىش يوشۇرۇنغان. ئۇلار جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا جېنىنىڭ بارىچە تۆھمەت قىلىپ، يالغان-ياۋىداق گەپلەر بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، كىرىزىسنى باشقىلارغا دۆڭگەپ، ئاممىنىڭ غەزەپ ئوتىنى گۇناھسىز باشقا تەرەپكە قاراتماقچى بولدى. ئەنگلىيەلىك ئاتاقلىق ئىقتىسادشۇناس جىم ئونېل ماقالە يېزىپ، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ جۇڭگونى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە يولسىز ئەيىبلىشى-دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك بولمىغانلىقىغا قارىتىلغان تەنقىدىنى باشقا تەرەپكە بۇراشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى.

جۇڭگوغا جېنىنىڭ بارىچە قارا سۈركەشنىڭ كەينىگە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش سۇيىقەستى يوشۇرۇنغان. ھەر قېتىملىق سايلامدا، جۇڭگوغا قارشى قارالما ياساپ چىقىپ، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ رايىغا بېقىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ «قىياسىي دۈشمەن»نى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇش-بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ ئادىتى. ئۇلار گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، سىياسىي مەقسىتىگە يېتىپ، سايلام مەنپەئەتىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ.

ھالبۇكى، جۇڭگوغا قارا سۈركەش نەيرىڭى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ. بىز ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىغا شۇنى نەسىھەت قىلىمىزكى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېيولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشتىن بالدۇرراق ۋاز كېچىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتلەرنى توختىتىش؛ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەش نەيرىڭىنى توختىتىپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە جىددىي قاراپ، ئۆز دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداشنىڭ ئۆزى نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركەيدىغان رەزىل نەيرىڭىنى ئېچىپ تاشلايلى

ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى كۈچىنىڭ بارىچە جۇڭگوغا قارا سۈركەپ، جۇڭگونى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. ھالبۇكى، پاكىتنىڭ ھەقىقىتى جۇڭگو تەرەپتە، بىمەنە، رەزىل قارا سۈركەش نەيرىڭى قەتئىي ئاقمايدۇ.