ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ يى كېلىشىۋالغىنى بويىچە كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودىرگىس بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-09 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يې 6-ئاينىڭ 8-كۈنى كېلىشىۋالغىنى بويىچە، كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودىرگىس بىلەن تېلېفونلاشتى.

رودىرگىس مۇنداق دېدى: كۇبا، جۇڭگونىڭ يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا ئوينىغان يېتەكچىلىك رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ كۇبا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. بۇ يىل كۇبا بىلەن جۇڭگو، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بىز بۇ مۇھىم يىلنى بىرلىكتە خاتىرىلەيمىز. كۇبا، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى باشتىن ئاخىرى دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، ھەر قايسى ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىن ئىبارەت چوڭ سىناقتا، جۇڭگو بىلەن كۇبا لاياقەتلىك جاۋاب تاپشۇردى. ئىشىنىمەنكى يۇقۇمدىن كىيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىدۇ، جۇڭگو كۇبا خەلقىمۇ ئۆز دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى- دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بولغان ناھايىتى ياخشى خاتىرىلەش. بىز بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ يى كېلىشىۋالغىنى بويىچە كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودىرگىس بىلەن تېلېفونلاشتى