ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا جۇڭگولۇق پىدائىيلار ئۆز ئورنىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 09:37

6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرى، كېچە سائەت 12. يۇقۇم سەۋەبىدىن دەرس توختاتقىلى ئۈچ ئاي بولغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ليۇ رۈنخەن كومپيۇتېر ئالدىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى، يەنە بىر تەرىپىدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن جاۋاب قايتۇرۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى دوختۇرلار. «يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئىتتىپاقى»غا قاتناشقاندىن كېيىن، تېببىي پەن دىكتورلۇقىدا ئوقۇۋاتقان ليۇ رۈنخەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىكىدىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. گەرچە دەرسىگە ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭچە بۇنداق قىلىش ناھايىتى ئەرزىيدۇ ھەمدە پەخىرلىك ئىش ئىدى.

ليۇ رۈنخەن «يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئىتتىپاقى» دىكى نۇرغۇن پىدائىيلارنىڭ بىرى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسپانىيەدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار تەشكىللەپ قۇرغان توردىكى بۇ ئىتتىپاقنىڭ 40 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تەخمىنەن 1300 دوختۇرى، 200 نەچچە پىدائىيسى بار.

بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرغۇچىسى لى چېڭچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 3-ئاينىڭ بېشىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ياۋروپادا يامرىغاندا، ئىسپانىيەلىك نۇرغۇن دوختۇرلار جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن تەجرىبە ئۆگىنىشكە ناھايىتى ئىنتىزار بولغانىدى.

لى چېڭچېڭ مۇنداق دېدى: «3-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىز دوختۇرلارنىڭ تۇنجى پىكىر ئالماشتۇرۇش توپىنى قۇردۇق، دەسلەپتە بۇ پەقەت جۇڭگو ۋە ئىسپانىيە دوختۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئىدى».
پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا دوختۇرخانىسى تۇنجى تۈركۈمدە مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلاندى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە بۈيۈك رايونىدىكى 14 ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ مەسئۇلى ئارقا-ئارقىدىن سۇپىدىن ياردەم سوراشقا باشلىدى.

بارسېلونا دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى كامپىستولدو كۆپ قېتىم پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئىسپانىيەدە يۇقۇم پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بۇ سۇپا بىزنى جۇڭگونىڭ بىرىنچى سېپىدىكى دوختۇرلار بىلەنۋاقتىدا ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بىزنىڭ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىمىزغا ياردەم بەردى».

لى چېڭچېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: سۇپا قۇرۇلۇشى بىلەنلا نۇرغۇن ئىسپانىيەلىك دوختۇرلار سوئال سورىدى، پىدائىيلار ھەر كۈنى دېگۈدەك جىددىي ئۇرۇش ھالىتىدە تۇردى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە بىر كۈندە ئاران 3 - 4 سائەتلا ئۇخلىدى.

ئۈچ ئاي كېچە-كۈندۈز ئىشلىدى، مۇداپىئە كۆزئەينىكىنى تەكرار ئىشلىتىشكە بولۇش-بولماسلىقتىن ئېغىر كېسەللەرنى كەسپىي داۋالاش لايىھەسىگىچە چەتئەللىك دوختۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جۇڭگولۇق دوختۇرلارنىڭ توردا جاۋاب بېرىشى ئۈزۈلمىدى، بۇنىڭ كەينىدە پىدائىيلارنىڭ ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلىشى بار ئىدى.

تېببىي تەرجىماننىڭ كەسپى بىلىمگە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنىدىغان سوئال-جاۋابلار ئۈچۈن قاتتىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. «ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىدىكى پىدائىيلار كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا نۆۋەتلىشىپ تۇرۇپ، بۇلۇت تېرمىنالىدىن مەسىلىلەرنى يېغىدۇ ھەمدە نومۇر قويىدۇ، تەرجىمە قىلىدۇ، سېلىشتۇرۇپ توغرىلايدۇ، ئاندىن دۆلەت ئىچىدىكى دوختۇرلارنىڭ ئۈندىدار توپىغا يوللايدۇ، ئاندىن يەنە تەرجىمە قىلىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، جاۋاب بېرىدۇ». ليۇ رۈنخەن تەرجىمە ھالقىسىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇ بەزىدە بىر نەچچە كەسپىي ئاتالغۇنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن كېچىچە ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لى چېڭچېڭ: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى جاپا چەككەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، بىر دوختۇرغا كۆپرەك ياردەم بېرىشنى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئويلىساقلا، بىز تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولىمىز» دېدى.

ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ لېيمۇ دەرھال بۇ سۇپىغا قاتناشتى. جاۋ لېي ۋۇخەندە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىغا دىياگنوز قويغان ۋە داۋالىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تېببىي خادىملارنىڭ بىرى. 3- ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ دوختۇرخانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى دىياگنوز قويۇلغان بىمار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ چەت ئەلدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن جۇڭگو تەجرىبىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بۇ خىزمەتكە ئاتلاندى.

جاۋ لېي: يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغانىدۇق، تەجرىبىنى پەقەت داۋالاش جەريانىدا ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى. ئۇ گۇمانىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك كەسىپداشلىرىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئۈزلۈكسىز يامرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن چەتئەللىك دوختۇرلار بۇ سەھنىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. «يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئىتتىپاقى» مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلدى.

ئىسپان تىلى دوختۇرلىرىنىڭ ئالاقە سۇپىسىغا مەسئۇل لى يا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۇمانىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ھالقىسىنى تېخىمۇ تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، پىدائىيلار تىل ۋە رايون پەرقىگە ئاساسەن، دوختۇرلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئالاقە توپى قۇرۇپ بەردى. ئوخشاشلا پىدائىيلارمۇ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەرقايسىسى مۇناسىپ مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا چېتىلىدىغان 550 نەچچە كەسپىي مەسىلىگە جاۋاب بېرىشكە ياردەملەشكەندىن سىرت، پىدائىيلار يەنە 8 مەيدان ۋىدېيو كەسپىي لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردى. لېكسىيەنىڭ تەييارلىق ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا پەقەت بىر ھەپتىلا ۋاقىت بار ئىدى.

لى يا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن پىدائىيلار ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسپانىيەلىك دوختۇرلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن كېڭىيىپ، لاتىن ئامېرىكىسى، ئاسىيا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايونلاردىكى دوختۇرلارغا مۇلازىمەت قىلىۋاتىمىز، تىل جەھەتتىمۇ خەنزۇچە-ئىسپانچىدىن باشقا تىللارغا كېڭەيدۇق. بۇ بىزگە ئېغىر ۋەزىپىنىڭ زىممىمىزدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

لى يا: گەرچە جاپا تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئەرزىيدۇ دەپ قارىدى. ئىسپانىيەلىك دوختۇر بىئاتلىس بېرتران «يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئىتتىپاقى» غا يازغان بىر پارچە خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز تەمتىرەپ قالغاندا، ۋىرۇس توغرىسىدا ھېچنېمىنى بىلمىگەن چېغىمىزدا، تەلىيىمىزگە پىدائىيلار ۋە ۋۇخەنلىك دوختۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتۇق. سىلەرنىڭ بەدەل تۆلىشىڭلار ماڭا قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشنىڭ كۈچىنى چۈشەندۈردى».

جۇڭگو پىدائىيلىرىنى تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە مۇنداق بىر ئىش بار. ئىسپانىيەنىڭ يۇقۇم ئازابىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بارسېلونا دوختۇرخانىسى «يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئىتتىپاقى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەجرىبىسىدىن يەر شارىنى بەھرىلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى چېڭچېڭ: «بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچ ئۇلىنىشى، ئىتتىپاقلىق ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا جۇڭگولۇق پىدائىيلار ئۆز ئورنىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇردى

6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرى، كېچە سائەت 12. يۇقۇم سەۋەبىدىن دەرس توختاتقىلى ئۈچ ئاي بولغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ليۇ رۈنخەن كومپيۇتېر ئالدىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى،