ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گانا زۇڭتۇڭى ئافرىقا ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن سايلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گانا ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى شۇ كۈنى نېگىر پايتەختى نىيامېيدا قەرەللىك باشلىقلار يىغىنى ئاچتى، گانا زۇڭتۇڭى ئاكۇف ئادو غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن سايلاندى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ.

ئاكۇف ئادو سايلانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە غەربىي ئافرىقا رايونى خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد-سودا ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، شۇڭا غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىنى قاندۇرۇشىمىز كېرەك.





中央广播电视总台 央广网 版权所有

گانا زۇڭتۇڭى ئافرىقا ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن سايلاندى

گانا ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : غەربىي ئافرىقا